Uyghur Taam Tori

Just another WordPress.com weblog

ئائىلىدە شەربەت ياساش

ئائىلىدە شەربەت ياساش

شەربەت ياساش ئۇسۇلى توغرىسىدا
   شەربەتلەر ئادەتتە ھەسەل ياكى شېكەر سۈيىدە قاينىتىپ ياسىلىدۇ.شەربەت ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان خۇرۇجلار قۇرۇق مىۋە،
قۇرۇق گۈل-گىياھلار بولسا ،ئادەتتە 7-6 ھەسسە سۇ،2-3 ھەسسە ھەسەل ياكى سېكەر قوشلىدۇ،)مېنىڭ تەكلىۋىم ئەڭ ياخشىسى
ھەسەل قوشۇڭ(،ئەگەر خۇرۇجى يېڭى ھۆل مىۋىلەر بولسا،قوشۇلىدىغان سۇ مىقدارى 3-4 ھەسسە بولسا بولىدۇ.
   شەربەتلەرنىڭ تەركىبىگە قوشۇلىدىغان يەككە دورىلار يىلتىزلار بولسا يۇمشاق سوقىلىدۇ؛ئۇرۇقلار يىرىك سوقۇلىدۇ؛مىۋە،گۈل،يوپۇرماقلار
سوقۇلمايدۇ.شەربەتلەر تەركىبىگە سېرىقئوت،تەمرى ھىندى،خىيار شەنبەردەك دورىلار قوشۇلىدىغان بولسا،بۇ خىل دورىلار قاينىتىلمايدۇ،
ئۇ،قاينىتىلغان دورىلار بىلەن بىرگە سۈزىۋىلىنىدۇ.بولمىسا دورىلارنىڭ كۈچى كېتىدۇ ياكى تەبىئىتى ئۆزگىرىپ،ئەسلى خۇسۇسىيىتىنى
يوقىتىدۇ.
    دورىلارنىڭ تەركىبىدە يىلتىزلار،ئۇرۇقلار،مېغىزلار كۆپ بولسا،بۇلارنى قاينىتىشتىن ئاۋال،قائىدە بويىچە سوقۇپ،ئۇنىڭغا ئىككى
بارماق ئېگىزلىكىدە قايناق سۇ قۇيۇپ 8 سائەتتىن 24 سائەتكىچە ھەتتا 3 سوتكىغىچە چىلاپ قويۇپ،يۇمشاق ھالەتكە كەلگەندىن
كىيىن،ئاندىن ئايتا چىلاش كېرەك.قايناتمىلار قوشۇلغان ئومۇمىي سۇ مىقدارىنىڭ 3ئ1 قىسمى قالغۇچە قاينىتىلىدۇ.شېكەر،قەنىت
ھەسەل،ناۋات،تەرەنجىۋىل قاتارلىق ماتىرىياللار ئادەتتە دورىلار قاينىتىلىپ تىرىپلىرى سۈزىۋىتىلگەندىن كىيىن قوشۇپ بىر قاينىتىپلا
ئېلىنىدۇ.
    قاينىتىلمايدىغان كاشكاپقا قوشىدىغان يەككە دورىلارنىڭ بەزىلىرىنى سوقۇپ ،بەزىلىرىنى ئۆزپىتى قايناق سۇغا چىلاپ تەمى
چىققاندىن كېيىن ئىشلىتىلىدۇ.
    قايناتمىغان بەزى ئۇرۇق-دورىلارنىڭ قىزىق سۇغا چىلاپ ئېرىتىپ ئېلىنغان شىرنىسى قوشۇلىدۇ.بۇ خىل شىرنىلەر ۋە دورىلار
ئاشقازان،ئۈچەيلەرنىڭ تىۋىتى چۈشۈپ كەتكەن يۈزىنى قوغداش،يېپىشتۇرۇش،ئۈچەي سۇيۇقلۇقىنى تۇلۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ.

ﺷﻪﺭﺑﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﯪﺩﻩﺗﺘﻪ ﯰﺯﺍﻕ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.ﻣﯘﺭﺍﺑﺒﺎ،ﺷﻪﺭﺑﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﭖ،ﯰﻧﻰ ﯰﺯﺍﻗﺮﺍﻕ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ،ﯰﻻﺭﻏﺎ ﻟﯧﻤﯘﻥﻗﻮﺷﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    ﺷﻪﺭﺑﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﯰﻧﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﺧﯘﺭﯗﺝ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﺗﯩﻠﯩﺪﯗ

ﯪﻧﺎﺭ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ
[ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ]ﺳﻮﻏﯘﻕ
[ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ] ﻗﺎﻥ ﺳﻪﭘﺮﺍﻧﯩﯔ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﯩﺪﯗ،ﯰﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ،ﻗﺎﻧﻨﻰﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺪﯗ،ﯸﻐﯩﺰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺪﯗ،ﯪﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﻫﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ،ﻛﯚﯕﯜﻝﯸﻠﯩﺸﯩﺶ،ﻗﯘﺳﯘﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺪﯗ.ﺯﻩﻫﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺪﯗ،ﻣﯧﯖﻪ،ﻳﯜﺭﻩﻙ،ﯲﭘﻜﻪ،ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺪﯗ،ﻧﻪﭘﻪﺱ ﻳﻮﻟﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺩﺍﯞﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
[ﺧﯘﺭﯗﺟﻰ]ﯪﭼﭽﯩﻖ،ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﯪﻧﺎﺭ ﺳﯜﻳﻰ 750 ﮔﺮﺍﻣﺪﯨﻦ 1.5 ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻣﻐﯩﭽﻪ،ﻗﻪﻧﺖ 1-1.5 ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻣﻐﯩﭽﻪ.
[ﻳﺎﺳﺎﺵ ﯰﺳﯘﻟﻰ]ﯪﻧﺎﺭ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ،ﻗﻪﻧﯩﺘﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻪ ﻗﯩﻴﺎﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﻤﯩﺰ،ﯪﻧﺪﯨﻦ ﯰﻧﻰ ﻗﺎﭼﯩﻐﺎ ﯸﻠﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﻳﻤﯩﺰ.

Advertisements

يانۋار 10, 2010 - Posted by | شەربەت

تېخى باھا يېزىلمىدى.

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out /  ئۆزگەرتىش )

Google photo

You are commenting using your Google account. Log Out /  ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out /  ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out /  ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: