Uyghur Taam Tori

Just another WordPress.com weblog

تاماق بىلەن كېسەل داۋالاش

تاماق بىلەن كېسەل داۋالاش
ئۇيغۇرلاردىكى تاماق بىلەن كېسەلداۋالاش، كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ، يېمەك – ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشەش، پەرھىزتۇتۇش ئارقىلىق كېسەلگە خىل كەلمەيدىغان تاماقلارنى چەكلەش ئارقىلىقكېسەلنى يەڭگىللىتىش ۋە ھەرخىل شىپالىق يېمەك – ئىچمەكلەرنى بېرىشئارقىلىق بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ تېزراق ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىمەقسەت قىلغان.

ئۇيغۇرلار كېسەلنى تاماق بىلەن داۋالاشتا، كېسەلگەمۇۋاپىق تاماقنى ئۈچكە بۆلىدۇ: (1) غىزايى مۇتلەق: ئوزۇقلۇق رولىنىلائوينايدىغان يېمەكلىكلەر. (2) داۋائى غىزايى: ئالدى بىلەن داۋالىق رولىنى،كېيىن ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان داۋالىق يېمەكلىكلەر. (3) غىزايىداۋائى: ھەم ئوزۇقلۇق، ھەم داۋالىق رولىنى ئوينايدىغان يېمەكلىكلەر.

غىزايىمۇتلەق: ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان ۋە قۇۋۋەت بولىدىغان يېمەكلىكلەرغىزايى مۇتلەق دېيىلىدۇ. بۇلار، سۇيۇق، يۇمشاق، ئاسان سىڭىدىغان، ھەجمىئاز، قۇۋۋىتى كۆپ يېمەكلىكلەر. مەسىلەن، چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، كۆپخىللىق دورا – دەرمان بىلەن تەييارلانغان گۆش شورپىسى، كەكلىك، قۇشقاچ،چۈجە، مۇجۇلغان ئۈزۈم شەربىتى، ئانار، ئالما، ئامۇت، نەشپۈت قاتارلىق مېۋەمۇراببالىرى، بۇغداي ئۇنى تامىقى، شوۋىگۈرۈچ، سېرىقماي، كالا سۈتى، يۇمشاقپىشۇرۇلغان قوي گۆشى، بېلىق، پالەك، يېسىۋىلەك، شوخلا، سۇڭپىيازقاتارلىقلار.

داۋائى غىزايى: قىزىلگۈل، پىننە، رەيھان بىلەنياسالغان گۈلقەنت، قىياملار، ئەنجۈر، ئالما، بېھى، ئامۇت، سەۋزە ۋەباشقىلاردىن ياسالغان مۇراببا، بادام، نوقۇت، ياڭاق تالقانلىرىقاتارلىقلار ئالدى بىلەن داۋالىق ئۇنىڭدىن كېيىن ئوزۇقلۇق رولىغا ئىگەيېمەكلىكلەردۇر. گۈلقەنت ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى، ھەزىم قىلىش تەس،جىگەر، بۆرەك، ئۆپكە سىل، ئۆپكە ھاۋا يوللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، ئۆپكەيەللىك ئىششىقى، دەم سىقىلىش كېسەللىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئوزۇقلۇقبىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

غىزايى داۋائى: چامغۇر، تۇرۇپ، سەۋزە، شوخلا،پالەك، يېسىۋىلەك قاتارلىق كۆكتاتلار ئالدى بىلەن ئوزۇقلۇق، ئاندىنداۋالىق رولىنى ئوينايدۇ. بۇلار سۈيدۈك ھەيدەش، قەۋزىيەتنى يوقىتىش،سەپرانى پەسەيتىش، ئىشتىھانى ئېچىش رولىغا ئىگە.
Advertisements

يانۋار 10, 2010 - Posted by | Uncategorized

تېخى باھا يېزىلمىدى.

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out /  ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out /  ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out /  ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out /  ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: