Uyghur Taam Tori

Just another WordPress.com weblog

سۆڭەك شورپىسى تەييارلاش

سۆڭەك شورپىسى تەييارلاش

پايدىلىق تەرەپلىرى: قېرىشنى كېچىكتۈرۈش،كالىتسىي تۇلۇقلاش
ئادەم سۆڭىكىدىكى مۇھىم نەرسە يىلىك بولۇپ،قىزىل،ئاق ھۈجەيرىلەر مۇشۇيىلىكتە شەكىللىنىدۇ.ياشنىڭ چوڭىيىشغا ئەگىشىپ يىلىكنىڭ بۇ خىل ھۈجەيرەياساش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ،ئۇستىخان شورپىسدا ئادەم بەدىنىگەكېرەكلىك مۇشۇ ھۈجەيرىلەرنى شەكىللەندۈرىدىغان ئوزۇقلۇق تەركىپلەربار.شۇڭلاشقا ياشانغانلار،ئۆسمۈرلەر،ھامىلدار ئاياللار سۆڭەك)ئۇستىخان(شورپىسىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە پايدىلىق.
كېتەرلىك ماتىرىياللار:
5\1 نىسبەت)يەنى بىر كىلو سۆڭەككە بەش كىلو سۇقۇيىمىز.( بويىچە سۆڭەك ۋەسۇ تەييارلايمىز.ئاندىن يەنە مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ،تۇز تەييارلايمىز.

تەييارلاش ئۇسۇلى:
سۆڭەكنى قايناقسۇغا 3 مىنۇتچە بېسىپ قانسىرىتىمىز،ئاندىن قازانغاسۇنى)چوقۇم سوغۇق سۇ ئىشلىتىش كېرەك،قايناقسۇ بولمايدۇ.(قۇيۇپ قانسىرىتىپبولغان سۆڭەكنى سالىمىز،ئاۋال كۈچلۈك ئوتتا قاينىتپ بولغاندىن كېيىن ئوتنىپەسەيتىمىز،يېرىم سائەتتىن كېيىن ئازىراق ئاچچىقسۇ قۇيىمىز)سۆڭەكتەركىبىدىكى كالىتسنىڭ تەكشى تارقىلىشىغا پايدىسى بار( ئاندىن پەس ئوتتا 3سائەتتىن 4 سائەتكىچە قاينىتىمىز.

ئەسكەرتىش: سورپىنى قاينىتىشتىن بۇرۇن سۆڭەكنى ئۇششاق پارچىلاپ يۇقىرىدىكىئۇسۇل بويىچە شورپا تەييارلىغاندىن كېيىن چويلا بىلەن سۆڭەكلەرنى سۈزۈپئېلىۋىتىپ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان كۆكتاتلاردىن سېلىپ شورپا قىلسىڭىزمۇبولىدۇ.

Advertisements

يانۋار 10, 2010 - Posted by | شورپا

تېخى باھا يېزىلمىدى.

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out /  ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out /  ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out /  ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out /  ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: