Uyghur Taam Tori

Just another WordPress.com weblog

سوغۇق سەيلەرنى تەييارلاش

ئاچچىق تەرخەمەك
 
[خۇرۇجى]
يۇمران تەرخەمەك 500 گرام، قۇرۇق لازا 4 گرام، قىچا مېيى 30 گرام، تۇز 8 گرام، قارىمۇچ 8 تال، قىزىلگۈل مۇۋاپىق مىقداردا
[تەييلارلاش ئۇسۇلى]

1. تەرخەمەكنى ئاقلاپ يۇيغاندىن كېيىن چىمچىلاق بارماق ئۇزۇنلىقىدا ۋە چوكا توملۇقىدا قەلەمچە قىلىپ ،15 مىنۇت تۇزغا چىلايمىز.
2. تۇزدىن سۈزىۋىلىپ سۈيى سارغىۋىتىلگەندىن كېيىن قىزىلگۈل ئۇۋۋىقىنى سېپىپ تەخسىگە تىزىمىز.
3. ياغ چۈچىگەندىن كېيىن قارىمۇچ بىلەن لازىنى سېلىپ سۇس ئوتتا قورۇيمىز.ئاندىن لازا بىلەن قارىمۇچىنى سۈزىۋىلىپ ياغنى تەرخەمەك قەلەمچىسى ئۈستىگە قۇيىمىز.
تۇرۇپ تەرخەمەك
[خۇرۇجى]
تۇرۇپ 30 گرام، تەرخەمەك 300 گرام، ئاچچىقسۇ 100 گرام، سۇڭپىياز 5 تال.
[تەييلارلاش ئۇسۇلى]
1. تەرخەمەك بىلەن تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ قەلەمچە قىلىمىز.ئاندىن تۇرۇپ قەلەمچىسىگە تۇز ئارىلاشتۇرۇپ 10 مىنۇت دۈملەپ، سۈيىنى ساقىتىپ، تەرخەمەك قەلەمچىسى بىلەن بىللە تەخسىگە ئالىمىز.
2. سۇڭپىيازنى ئاقلاپ ئۇششاق چانىغاندىن كېيىن،تۇز ئارىلاشتۇرۇپ تەخسىگە ئېلىپ ،ئاچچقسۇ قۇيۇپ يېسەك بولىدۇ.
ساراڭ يېسىۋىلەك
[خۇرۇجى]
يېسىۋىلەك 500 گرام، شېكەر 20 گرام، تۇز 10 گرام، ئاچچىقسۇ 20 گرام، ياغ 5گرام.
[تەييارلاش ئۇسۇلى]
1. يېسىۋىلەكنى پاكىز يۇيۇپ، 4 سانتىمىتىر قېلىنلىقتا توغرايمىز،ئاندىن قەلەمچە قىلىپ تەخسىگە ئېلىپ، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ 10-15 مىنۇت دۈملەيمىز.
2. دۈملەنگەن يېسىۋىلەكنىڭ سۈيىنى سېرغىتىۋىتىپ شېكەر، ئاچچىقسۇ، چۈچىتىلگەن ياغ ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
شىرىن پەمىدۇر
[خۇرۇجى]
پەمىدۇر 500 گرام، يۇمران تەرخەمەك 50 گرام، ھەسەل 50 گرام، شېكەر 100 گرام.
[تەييارلاش ئۇسۇلى]
1. پەمىدۇرنى قايناق سۇغا باسقاندىن كېيىن پوستىنى سويىۋىتىمىز ھەمدە قوغۇن تىلغاندەك تىلىپ،ئېچىلغان گۈلدەك ئېچىلدۇرۇپ تەخسىنىڭ ئوتتۇرسىغا قويىمىز.
2. تەخەمەكنى پاكىز ئاقلاپ يالپاقلاپ تەخسە ئەتىراپىنى بويلاپ تىزىمىز، ئاندىن ھەسەلنى ئايلاندۇرۇپ قۇيىمىز، ئاخىرىدا شېكەر سېپىپ يېسە بولىدۇ.
چۈچىمەل سەۋزىۋات
[خۇرۇجى]
يېسىۋىلەك 300 گرام، ئالما بىر تال، سەۋزە بىر تال، قۇرۇق لازا ئىككى تال، تۇز 5 گرام، ئاچچىقسۇ 15 گرام.
[تەييارلاش ئۇسۇلى]
1. يېسىۋىلەك، سەۋزە ئادالىنىپ، قايناۋاتقان سۇغا سېلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن ئېلىپلا سوغۇق سۇغا سېلىنىپ سوۋۇتىلىدۇ. ئاندىن يېسىۋىلەك روmba شەكلىدە، سەۋزە قىيسىق تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە توغرىلىپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
2. ئالما ئاقلىنىپ نېپىز توغرىلىدۇ ۋە تۇز سۈيىگە چىلىنىدۇ.
3. قۇرۇق لازىنىڭ ئۇرۇقى ئېلىنىپ،پاكىز يۇيلغاندىن كېيىن، قازانغا ئازراق سۇ قۇيۇپ لازىنى ئون مىنۇتتەك قاينىتىمىز. ئاندىن ئالما، شېكەر ۋە تۇزنى سالىمىز.سۇ سوۋۇغاندىن كېيىن يېسىۋىلەك بىلەن سەۋزىنى سېلىپ توڭلاتقۇدا 20 سائەت تۇرغۇزۇپ يېسەك بولىدۇ.
لازىلىق چەيزە
[خۇرۇجى]
چەيزە 500 گرام، كۆك لازا 30 گرام، سامساق 25 گرام، ياغ 25 گرام، تۇز 5 گرام، ئاچچىقسۇ 8 گرام، سۇڭپىياز 10 گرام.
[تەييارلاش ئۇسۇلى]
1. چەيزىنى ئاقلاپ يۇغاندىن كېيىن جىمبىلگە سېلىنىپ ھوردا پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان چەيزە 1 سانتىمىتىر كەڭلىكتە قەلەمچە قىلىنىپ تەخسىگە سېلىنىدۇ.
2. كۆك لازىنى ئادالاپ توغرايمىز. سامساقنى ئۇششاق چاناپ لازا بىلەن بىر قاچىغا سالىمىز.
3. ياغنى چۈچىتىپ لازا، سامساق چانالمىسىغا قۇيىمىز، ئاندىن تۇز ئاچچىقسۇ قوشۇپ چەيزە قەلەمچىسىگە تەكشى سېپىپ، ئۈستىگە سۇڭپىياز چانالمىسى سېپىمىز.
ئارىلاشما كەرەپشە
[خۇرۇجى]
كەرەپشە (چىڭسەي) 500 گرام،شېكەر ياكى گۈلقەنت 5گرام، ياغ 20 گرام، جاڭيۇ ۋە تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
[تەييارلاش ئۇسۇلى]
1. كەرەپشىنى تازىلاپ 5 سانتىمىتىر قىلىپ توغرايمىز.
2. قازانغا سۇ قۇيۇپ كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ كەرەپشىنى قايناۋاتقان سۇغا سېلىپلا سۈزىۋالىمىز، ئاندىن سۈيىنى سېرغىتىۋىتىپ جاڭيۇ ۋە تۇز ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىستىمال قىلىمىز.
كۈدە پىنتوزا
[خۇرۇجى]
كۈدە 200 گرام،پىنتوزا 150 گرام، ياغ 15 گرام،پىننە 5گرام، تۇز 5 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق.
[تەييارلاش ئۇسۇلى]
1. كۈدە، پىنتوزا پاكىز يۇيۇلغاندىن كېيىن، كۈدىنى 4 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا قىلىپ توغرايمىز.
2. كۈدە، پىنتوزىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قايناق سۇغا بېسىپ ئالىمىز.
3. ياغنى ئوبدان چۈچىتىپ، كۈدە ئۈستىگە قۇيۇپ، ئۇۋۇتۇلغان پىننە بىلەن ئارىلاشتۇرىمىز ۋە ئاچچىقسۇ قوشقاندىن كېيىن ئىستىمال قىلىمىز.
پالەك سوغۇق سەي
[خۇرۇجى]
پالەك 150 گرام، تۇز 2.5 گرام، ياغ 250 گرام، شېكەر 5 گرام.
[تەييارلاش ئۇسۇلى]
1. پالەكنى پاكىز يۇيۇپ خالىغان شەكىلدە توغرايمىز.
2. ياغنى چۈچىتىپ پالەك توغرالمىسىغا ئارىلاشتۇرۇپ دۈملەيمىز. ئاندىن شېكەر تۇز قوشۇپ ئىستىمال قىلىمىز.
Advertisements

فېۋرال 9, 2010 Posted by | soghoq say | باھا يېزىش

پۆرە ئېتىش ئۇسۇلى (ئۈچ خىل)

تۇخۇم پۆرىسى

[خۇرۇچى] ئاق ئۇن بىر كىلوگىرام، ئېرىتكەن قوي يېغى 105 گىرام، تۇخۇم ئالتە دانە، خېمىرتۇرۇچ ئازراق، كۈدە (جۈسەي) بىر كىلوگىرام، پىششىق سۇ يېغى 70 گىرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقتاردا، جاڭيۇ ئازراق.
[ئېتىش ئۇسۇلى] 1. تۇخۇمنى چېقىپ ئازراق تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ياغلان؟غان قازان؟غا قۇيۇپ، تۆت دانە نېپىز تۇخۇم پوشكىلى ياساپ، ئۇنى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا پاكىز يۇيۇپ ئۇششاق توغرالغان كۈدە ئارىلاشتۇرۇپ، كاۋاۋىچىن، تۇز، جاڭيۇ، پىششىق سۇ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تۇخۇم قىيمىسى تەييارلايمىز.
2. خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، چالا بولغاندا 35 گىرام خېمىردا ئۈچ زۇۋۇلا ئۈزۈپ، نېپىز جىلىت ئېچىپ، قىيما سېلىپ قاتلاپ، يېرىم ئاي شەكلىدە پورە ياسىلىدۇ.
3. تەييارلان؟غان پۆرىنى تاۋىغا ياكى قازان؟غا سېلىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇپ، داستىخان؟غا كەلتۈرىمىز.
[ئالاھىدىلىكى] جىلتى چۈرۈك، ئىچى ياش، يېڭى، يېيىشلىك.
———————————————————————————————————————
گۆش پۆرىسى
[خۇرۇچى] ئاق ئۇن بىر كىلوگىرام، ئەبجەش ياغ (ئېرىتىلگەن قوي يېغى0 70 گىرام، گوش بىر كىلوگىرام، تۇخۇم بىر دانە، سۇ 500 گىرام، پىياز 500 گىرام، قارىمۇچ ئازراق، زىرە ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقتاردا، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق.
[ئېتىش ئۇسۇلى] 1. گۆش، پىيازلارنى ئۇششاق توغراپ، سوققان زىرە، تۇز، قارىمۇچ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز.
2. ئۇن؟غا تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز قۇيۇپ، خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، تۇخۇم پۆرىسىدەك تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ. پۆرىنىڭ خېمىرى نېپىز بولۇشى، ئىچىدىكى قىيمىلىرى كۆرۈنۈپ تۇرۇشى لازىم.
3. پىشۇرۇلۇشى تۇخۇم پۆرىسىنى پىشۇرۇشقا ئوخشايدۇ.
[ئالاھىدىلىكى] جىلتى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق، شورپىلىق.
——————————————————————————————————————–
ياغ پۆرە
[خۇرۇچى] ئاق ئۇن بىر كىلوگىرام، ئەبجەش ياغ بىر كىلوگىرام (خورايدىغىنى 140 گىرام) گۆش بىر كىلوگىرام، تۇخۇم بىر دانە، قارىمۇچ ئازراق، پىياز 500 گىرام، تۇز مۇۋاپىق مىقتاردا، زىرە ئازراق، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق مىقتاردا.
[ئېتىش ئۇسۇلى] 1. گۆش، پىيازلارنى ئۇششاق توغراپ، سوققان زىرە، تۇز، قارىمۇچ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز.
2. ئۇن؟غا تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز قۇيۇپ خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، نېپىز يېيىپ، ئاي شەكىللىك پورە تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ.
3. قازان؟غا كۆپرەك ياغ قۇيۇپ تۈگۈلگەن پۆرىلەرنى ياغدا داغلىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن تاۋىغا ياكى قازان؟غا سېلىپ پىشۇرىمىز.

فېۋرال 9, 2010 Posted by | pore | باھا يېزىش

دوخوپكىدا ناننى قانداق سالىدۇ

مايلىق توقاشنىڭ پىشۇرۇش ئۇسۇلى(بىزنىڭ ئويدە كوپرەك مۇشۇ خىلى پىشۇرىلىدۇ):
خورۇشلار: 1كگ ئۇن، يەرىم پىيالە سارماي (سۇماي بولسىمۇ بولىدۇ)، بىر چوڭ چىنە ئىلمان سۇ (تۇز سەلىپ تەتىۋالىسىز)، ئەچىتقۇ –> فلەئىسچماننس ئاتىۋە دري يەئاست دىگەن خەتلەر يەزىقلىق قەغەز بولاقلىق ئەچىقۇنى ئىشلىتىمىز. 1كگ ئۇنغا بىر بولاق ئەچىتقۇ بولسا بولىدۇ.

يەڭنى تۇرۇپ ئىشنى باشلاڭ: داسقا ئۇننى سەلىپ ئۇستىگە ئەچىتقۇنى چەچىۋەتىڭ، ئاندىن ئوتتۇرسىنى ئويمان قىلىپ ئەرىتىلگەن سارماي ياكى سۇماينى قۇيۇسىز، ئاندىن سۇنىڭ يەرىمىنى قۇيۇڭ. چورىسىدىكى ئۇنلارنى ئوتتۇرسىغا چۇشۇرۇپ ئارىلاشتۇرۇپ خەمىر قىلىڭ. ناننىڭ خەمىرى چىڭاراق يۇغۇرىلىدىغان بولغاچقا ئۇن بىلەن كوپرەك ئارىلاشتۇرۇڭ، شۇ تەرىقىدە ئوتتۇرىدا بىر كاللەك خەمىر تەييار بولىدۇ، لەكىن ئۇن يەنە ئەشىپ قالغان بولىدۇ. ئەمدى بۇ بىر كاللەك خەمىرنى داشنىگ بىر چەتىگە ئەلىپ قالغان ئۇننى بىريەرگە يىغىپ ئوتتۇرىنى ئويمان قىلىپ سۇدىن مولچەرلەپ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ خەمىر قىلىسىز. مۇشۇ تەرىقىدە داستىكى ئۇننىڭ ھەممىسى نەملىنىپ بولغاندا ھەممىنى بىرلەشتۇرۇپ چەيلەيسىز. خەمىرنى راۋرۇس چەيلىگەندىن كەيىن يۇملاقلاپ داسنىڭ ئاغزىنى يەپىپ ئىسسىق يەرگە قويۇپ قويىسىز(يوتقانغا ئوراپ قويىدىغان ئۇسۇلمۇ بار).
خەمىر بىرەر سائەتلەردە بولىدۇ(خەمىرنىگ ئارىسى ئەچىپ باقسىڭىز نۇرغۇن يەل كاۋاكچىلىرى پەيدا بولغان بولىدۇ).
بولغان خەمىرنى بىلەكنىڭ توملىغىدا پىلتا قىلىۋالىسىز ۋە مۇشتۇمدەك چوڭلۇقتا زۇۋۇلا ئۇزۇۋالىسىز، مۇشۇ زۇۋۇلىلارنى ناننىڭ شەكلىگە كەلتۇرۇپ ئاچىسىز (بۇنى ئوزىڭىز بىر ئامال قىلىڭ، قەلىپى يوق).
دوخوپكىنىڭ ئىچىدىكى لىسلىرىنى ئەلىۋەتىپ قىزىتىسىز، لىسقا ئاچقان ناننى تىزىسىز. لىسنى دوخوپكىنىڭ ئىچىگە سەلىپ تەمپۇراتۇرىسىنى 350 كە توغرىلاپ قويۇسىز. دوخوپكىنىڭ ئاغزىنى يەپىشنى ئۇنتۇماڭ ھە!
ئازراق ۋاقىت ئوتكەندىن كەيىن ناننىگ ئاستىگا قاراپ باقىسىز، ئاستى قىزارغان بولسا دوخوپكىنىڭ ئۇستى ئوتىنى ئەچىۋەتىسىز. مۇشۇنداق قىلسىڭىز نان پىشىپ چىقىدۇ. بىرنەچچە قەتىم پىشۇرسىڭىزلا ئۇستا ناۋاي بولۇپ قالىسىز.
2- xil usul-
1/4 (ۇپ) چىنە ئىللىق سۇغا يەرىم بال قوشۇق(تەئاسپوئون) شىكەر ۋە بىر بال قوشۇق ئەچىتقۇ سەلىپ، ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ ئاندىن 15مىنۇت ئاتراپىدە ئىسسىك يەرگە قۇيۇپ قويۇڭ.

شۇ ئارىلىقتا، بىر چىنە قەتىقنى ئارىلاشتۇرۇپ، يانا بىر چىنىدە ئىككى تۇخۇمنى چەلىپ ئاندىن بۇ ئىككىسىنى يەنە ئارىلاشتۇرۇپ ئۇئىنىنغا يەرىم چىنە سارماي ياكى بىر چىنە سۇماي سەلىپ تەييارلاڭ.

قوڭ جاۋۇرغا 4 چىنە ئۇن سەلىڭ بۇنىڭ ھەممىسى ئاق ئۇن(ئالل پۇرپوسە) بولسىمۇ بولىدۇ ياكى ئىككىسى ۋھەئات ئىككىسى ئالل پۇرپوسە بولسا تەخىمۇ ياخشى.

ئۇننىڭ ئوتتۇرسىنى ئەچىپ ئالدى بىلان ھەلىقى ياسىغان ئەچىتقۇ ئەرىتمىنى توكۇڭ ،ئاندىن قەتىقبىلان تخۇم ئارىلاشنىنىمۇ توكۇپ خەھىر قىلىڭ. ئاندىن ئۇستىگە پالستىنكا يەپىپ ئاندىن يوگاپ ئىسسىك يەرگە قۇيۇپ قويسىڭىز 40 مىنۇتە ئاتراپىدا خەمىر بولىدۇ.

بۇ ئارىلىقتا قىيما قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ ماسىلەن گوش قىيمىسى، ياكى چەئەسە بىلان پارسلەي قىيمىسى8ئوزىنىڭىز بەلگىلەڭ، ياڭاق سالدىڭىزمۇ بولىدۇ)

خەمىر بولغاندا، سامسا زوگۇلداك ئەچىپ ئارىسىغا قىيمىڭىزنى ئەلىپ ئاندىن ئۇنى سامسا تۇگگانداك تۇگۇڭ، ئۇستىگە تۇخۇم سۇركىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاندىن لەسقا سەلىپ 375تە 10 مىنۇت ئاندىن 350 تە 20 مىنۇتە (گوشلۇك قىيما بولسا جىقراق) قويۇپ، ئىشقىلىپ پىشقىچە قويسىڭىز بولىدۇ. بۇ ھەم نان ھەم تماق ئورنىدا بولىدۇ.

2. راستىنلا نان يىماكچى بولسىڭىز؛

يۇقرۇدىكى ئەچىتكۇنى تەييەرلاپ، ئاندىن ئىككى تۇخۇم ۋە بىر چىنە سۇتنى سەلىپ ئىللەشتۇرۇپ ، ئاندىن يۇقۇردىكى ئۇنغا (ساپ ئالل پۇرپوسە) سەلىپ ئارىلاشتۇرۇپ خەمىر قىلىڭ، خەمىرنى راسا چايلەڭ ئاندىن ھىم قىلىپ دۇملەپ قويسىڭىز بولىدۇ.

خەمىر بولغاندا ئۇنىنغگا يانا چايلاپ ياندرۇرۇپ ئاندىن ياڭاقنى (سىزدە چۇقۇم بار ) توغراپ ، خەمىرنى ئەچىپ (نوغۇش بىلان، كورىيالىكلەرنىڭ دۇكىنىدا نوغۇش بار) بىرلىك كەلىنلىقتا ئاچىمىز، ئاندىن ياڭاق ئۇگۇتمىسىنى تاكشى چەچىپ خەمىرنى يوگىلىتىمىز، ئۇ ھۇددى بىلاكتاك بولىدۇ. ئاندىن پىچاق بىلان بىرلىك قەلىنلىقتا كەسىپ ، ياتقۇزۇپ بەسىپ ئاندىن لەسقا سەلىپ ئۇنىمۇ ئوخھساش ئۇسۇلدە پىشۇرمىز. بۇ كۇرس-كۇرس ھەم تەملىك بولىدۇ.

فېۋرال 9, 2010 Posted by | nan | باھا يېزىش