Uyghur Taam Tori

Just another WordPress.com weblog

بولاق ياپما

بولاق ياپما

[خۇرۇچى] ئاق ئۇن بىر كىلوگىرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، گۆش بىر كىلوگىرام، زەنجىۋىلئازراق، ياغ 70 گىرام، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، سەۋزە 750 گىرام، خېمىرتۇرۇچ70 گىرام، غولپىياز ئىككى تال، شۇلتا ئازراق.

[ئېتىش ئۇسۇلى] 1. ئۇنغا تۇز قۇيۇپ، خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ 1–1.5 سائەت بولدۇرىمىز.

2.گۆشنى 35 گىرام چوڭلۇقتا، سەۋزە، ياڭيۇلارنى چاقماق قەنت شەكلىدە، غولپىياز ئات قۇلىقى شەكلىدە توغرىلىدۇ.

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ قورۇپ سارغايتىپ، سەۋزە،ياڭيۇنى سېلىپ يەنە قورۇپ، سوققان كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل، تۇز تېتىتقۇ سېلىپئارىلاشتۇرۇپ، خۇرۇچلار چىلاشقۇدەك قايناقسۇ قۇيۇپ، سىم-سىم قاينىتىپ،ئېزىلدۈرمەي پىشۇرۇپ شورپا تەييارلايمىز.

4. بولدۇرۇلغان خېمىرغا شۇلتا بېرىپ ياخشى ئىشلەپ، خېمىرنى نېپىز يېيىپتۇۋاقتەك قىلىپ، قازاندا قايناۋاتقان خۇرۇچلارنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت شورپاقۇيۇپ ھەر بىر قەۋەت خېمىرنىڭ ئارىلىقىغا شورپا قۇيۇپ 30 مىنۇت يېپىپ،دۈملەپ پىشۇرىمىز. پىشقان ياپمىنى لىگەن؟گە ئېلىپ، قوردىقىنى تەخسىگەئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرىمىز.

——————————————————————————————————————–

يانۋار 13, 2010 Posted by | بولاق ياپما | باھا يېزىش