Uyghur Taam Tori

Just another WordPress.com weblog

qoruma chop قورۇما چۆپ

قورۇما چۆپ ئادەتتە خېمىرنىڭ شەكلىگە قاراپ ئىككى خىل بولۇپ، بىرسى پىلتەلەڭمەنگە ئوخشاش خېمىرىنى پىشۇرۇپ ئاندىن كەسىپ كۆكتات ۋە گۆش بىلەنقورىلىدۇ، يانا بىرسى خېمىرنى ئۈزۈپ تاشلاپ ئېتىلگەن سۇيقاشقا ئوخشاشخېمىرنى قولدا ئۈزۈپ قازانغا سەلىپ پىشۇرۇپ ئاندىن كۆكتات ۋە گوش بىلەنقورىلىدۇ. تۆۋەندە خېمىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ پىشۇرۇلىدىغان قورۇما چۆپ نىتونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.

ماتېرىيال (4 كىشىلىك)
ئۇن 500 گىرام(لەڭمەننىڭ ئۇنىغا ئوخشاش ئۇننى ئىشلىتىش كېرەك) گوش كالىنىڭ ياكى قوينىڭلوق گۆشى 200گىرام، بائى كائى 150گىرام، ئىككى تال كىچىكرەك كۆك مۇچ ياكىقىزىل مۇچ، ئىككى تال شوخلا، پىياز بىر باش ياكى سۇڭ پىياز بىر تال،زەنجىۋىل(شەڭ جىئاڭ) 10 گىرام، سامساق 10 گىرام، كاۋاۋىچىن ( ھۇئا جىئائو)5 گىرام، جىئاڭيوئۇ 5 گىرام، كراخمال 5 گىرام، سىركا 5 گىرام، مۇۋاپىق تۇزۋە سۇ مەيى 200 گرام.

خېمىرنى تەييارلاش:
ئۇنغا بىر قوشۇق تۇزسەلىپ سۇغۇق سۇدا لەڭمەننىڭ خېمىرىغا ئوخشاش يۇغۇرىمىز، سەل تىنغاندىنكېيىن، ئاش تاختايغا قېلىنلىقى 1كم قىلىپ قولدا يېيىپ ئاستى ئۇستىنىمايلاپ يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە تىندۇرىمىز، پىچاقتا بىر سانتىمېتىركەڭلىكتىن كېسىپ قولدا بېسىپ كەڭلىگى 2-2.5 كم كەڭلىكتە قىلىپ،خېمىرنىڭئىككى بەشىدىن تۇتۇپ ئاش تاختايغا ئوتتىرىسىنى ئۇرۇپ سوزۇپ، قايناۋاتقانقازانغا باش بارماقنىڭ يېرىمىچىلىك چوڭلىقتا ئۈزۈپ قازانغا تاشلاپ، 5مىنوت قاينىتىپ چويلىدا سۈزۈپ ئالىمىز.

كۆكتات ۋە گۆشلەرنى تەييارلاش:
گۆشنىنىپىز ياپىلاق قىلىپ توغرايمىز، بائى كائى ،كۆكمۇچ، شوخلا ۋە پىيازنىگۆشنىڭ شەكىلدە توغرايمىز، سامساق بىلەن زەنجىۋىلنى ئۇششاق توغرايمىز.گۆشكە جىئاڭيوئۇ ۋە كىراخمالنى سەلىپ ئارىلاشتۇرىمىز.

قورۇما چۆپ نى قورۇش جەريانى:
قازانغاماي قۇيۇپ قىزىغاندىن كېيىن كاۋاۋىچىن سەلىپ قارىدىغىچە قىزدۇرۇپقارىدىغان كاۋاۋىچىن سۈزۈپ ئېلىۋېتىمىز، گۆشنى سەلىپ قورۇپ ئاندىن پىيازنىۋە زەنجىۋىلنى سەلىپ پىياز سارغايغىچە قورۇيمىز،ئاندىن بائى كائىنى سەلىپچالا قورۇپ، خېمىرنى سەلىپ قورۇيمىز، ئاندىن شوخلا،كۆكمۇچ ۋە سامساقلارنىسەلىپ 2-3 مىنوت قورۇپ ئەلىشتىن بۇرۇن سىركى قۇيۇپ ئاندىن تەخسىلەرگەئەلىپ ئىستىمال قىلىمىز

يانۋار 10, 2010 Posted by | قورۇما چۆپ | باھا يېزىش