Uyghur Taam Tori

Just another WordPress.com weblog

بېلىق دۈملىمىسى

بېلىق دۈملىمىسى (ئى)

[خۇرۇچى] 250 گىراملىق بېلىق بەش تال، پىششىق گۆش ئازراق، قوينىڭ چاۋا يېغى ئازراق،جاڭيۇ ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، شورپا بىر چۆمۈچ، سېرىق ھاراق بىرقوشۇق، ئاچچىقسۇ ئازراق، غولپىياز ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقتاردا،زەنجىۋىل بىر تال.

[پىشۇرۇش ئۇسۇلى] 1. بېلىقنى ئادالىغاندىن كېيىن دۈمبىسىگە ئاي شەكلىدە چىشلىق گۈلچىقىرىلىدۇ؛ غولپىيازنى 4-5 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئىنچىكە توغراپ، بىرقىسمىنى سوقىچاق بېلىق تەخسىسىگە قويۇپ، ئۈستىگە بېلىقنى تىزىپ، ئۇنىڭئۈستىگە قالغان غولپىياز، ئىنچىكە توغرالغان پىششىق گۆشنى تىزىپ سېلىپتەييارلايمىز.

2. قاچىغا 35 گىرام شورپا ئېلىپ، تېتىتقۇ، تۇز، سېرىق ھاراق، جاڭيۇ،ئۇششاق توغرالغان چاۋا ياغ سېلىپ، تەخسىدىكى بېلىق بىلەن بىللە قاسقان؟غاقويۇپ 20 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەيمىز.

3. بېلىقنى قاسقاندىن ئېلىپ، تەخسىگە يىغىلغان سۈيىنى تۆكۈۋېتىپ، قاسقاندابېلىق بىلەن بىللە دۈملىگەن شورپا بېلىقنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.

[ئالاھىدىلىكى] تەمى ياش، يېڭى، سۈيى سۈزۈك ھەم پۇراقلىق.

———————————————————————————————————————–

بېلىق دۈملىمىسى (ئىئى)

[خۇرۇچى] بىر كىلوگىراملىق بېلىق ئىككى تال، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، چاۋا ياغ ئازراق،پۇرچاق ئۇنى ئازراق، جاڭيۇ 35 گىرام، سۇ يېغى 500 گىرام (خورايدىغىنى 70گىرام)، غولپىياز ئىككى تال، زەنجىۋىل ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقتاردا،سامساق بىر باش، ئاچچىقسۇ ئازراق.

[پىشۇرۇش ئۇسۇلى] 1.بېلىقنىڭ قاسرىقىنى قىرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ،بېلىقنىڭ دۈمبىسىگە دولقۇنسىمان سىزىق سىزىپ، جاڭيۇ بىلەن تۇزغا چىلاپقويۇلىدۇ.

2. غولپىيازنى ئات قۇلىقى شەكلىدە، سامساق، زەنجىۋىل يالپاق توغرىلىدۇ.

3.قازان؟غا ياغ قۇيۇپ، سەككىز دەرىجە قىزىتىپ، چىلىغان بېلىقنى سېلىپيېرىم پىشۇرۇپ ئالىمىز؛ قازاندا ئازلا ياغ قالدۇرۇپ، غولپىياز، زەنجىۋىل،سامساقلارنى سېلىپ قورۇپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان چاۋا ياغ، تېتىتقۇشورپا، جاڭيۇ، تۇز سېلىپ، يېرىم پىشۇرۇلغان بېلىقنى سېلىپ قاينىتىپ دۈملەپپىشۇرىمىز.

بېلىق پىشقاندىن كېيىن ئۆرۈپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ شورپىسىنىقويۇقلاشتۇرۇپ، پارقىراتما ياغ، ئاچچىقسۇ چېچىپ، بېلىقنى شورپىسى بىلەنچوڭقۇر تەخسىگە ئالىمىز.

[ئالاھىدىلىكى] سۈيى ئاچچىق-چۈچۈك، بېلىق ياش، يۇمران پىشىدۇ.

يانۋار 13, 2010 Posted by | Dish قورۇما | باھا يېزىش

توخۇ گۆشى قوردىقى Chiken dish

توخۇ گۆشى قوردىقى 

 

[خۇرۇچى] توخۇ بىر دانە، دارچىن ئازراق، سۇ يېغى 250 گىرام، كاۋاۋىچىن ئازراق،قۇرۇتۇلغان ئۇچلۇق قىزىلمۇچ بىر سىقىم، تۇز مۇۋاپىق مىقتاردا، پىياز بىرباش، شېكەر مۇۋاپىق، سامساق بىر باش، جاڭيۇ ئازراق، زەنجىۋىل كىچىك بىرباش، تېتىتقۇ مۇۋاپىق مىقتاردا.

[ئېتىش ئۇسۇلى] 1.توخۇ گۆشىنى ئۆرۈكتەك چوڭلۇقتا، ياڭيۇ ھەم ئوخشاش چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ.

2.ساپلىققا (قازان؟غا) 75؟105 گىرام ياغ قۇيۇپ، ئۇنىڭغا ئازراق شېكەرسېلىپ، شېكەر رېڭى تەييارلاپ ئۇنىڭغا توغرالغان توخۇ گۆشىنى سېلىپ تېزئوتتا قورۇيمىز.

گۆش ئاساسەن پىشقاندا رەڭگى قوڭۇر رەڭگە كىرىدۇ. شۇ ۋاقىتتا قىزىلمۇچ،ياڭيۇ، توغرالغان پىياز، سامساق، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، دارچىنلارنى سېلىپقورۇپ، ياڭيۇ پىشقاندا جاڭيۇ، تېتىتقۇ سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، تەخسىگە ياكىلىگەن؟گە ئۇسىمىز.

3.لەغمەن خېمىرىنى بارماقتەك كەڭلىكتە سوزۇپ قايناقسۇدا پىشۇرۇپ، توخۇقوردىقى بىلەن بىللە داستىخان؟غا كەلتۈرىمىز. ھەر كىم ئېھتىياجىغا قاراپئىستېمال قىلىدۇ. ئاق بەتتە (گاڭپەن)، ھورنان (موما) بىلەن ئىستېمالقىلسىمۇ بولىدۇ.

[ئالاھىدىلىكى] رەڭگى قىزىل، پارقىراق، گۆشى يۇمشاق، تەمى ئاچچىقراق، يېيىشلىك.

يانۋار 13, 2010 Posted by | Dish قورۇما | باھا يېزىش