Uyghur Taam Tori

Just another WordPress.com weblog

سوغۇق سەيلەرنى تەييارلاش

ئاچچىق تەرخەمەك
 
[خۇرۇجى]
يۇمران تەرخەمەك 500 گرام، قۇرۇق لازا 4 گرام، قىچا مېيى 30 گرام، تۇز 8 گرام، قارىمۇچ 8 تال، قىزىلگۈل مۇۋاپىق مىقداردا
[تەييلارلاش ئۇسۇلى]

1. تەرخەمەكنى ئاقلاپ يۇيغاندىن كېيىن چىمچىلاق بارماق ئۇزۇنلىقىدا ۋە چوكا توملۇقىدا قەلەمچە قىلىپ ،15 مىنۇت تۇزغا چىلايمىز.
2. تۇزدىن سۈزىۋىلىپ سۈيى سارغىۋىتىلگەندىن كېيىن قىزىلگۈل ئۇۋۋىقىنى سېپىپ تەخسىگە تىزىمىز.
3. ياغ چۈچىگەندىن كېيىن قارىمۇچ بىلەن لازىنى سېلىپ سۇس ئوتتا قورۇيمىز.ئاندىن لازا بىلەن قارىمۇچىنى سۈزىۋىلىپ ياغنى تەرخەمەك قەلەمچىسى ئۈستىگە قۇيىمىز.
تۇرۇپ تەرخەمەك
[خۇرۇجى]
تۇرۇپ 30 گرام، تەرخەمەك 300 گرام، ئاچچىقسۇ 100 گرام، سۇڭپىياز 5 تال.
[تەييلارلاش ئۇسۇلى]
1. تەرخەمەك بىلەن تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ قەلەمچە قىلىمىز.ئاندىن تۇرۇپ قەلەمچىسىگە تۇز ئارىلاشتۇرۇپ 10 مىنۇت دۈملەپ، سۈيىنى ساقىتىپ، تەرخەمەك قەلەمچىسى بىلەن بىللە تەخسىگە ئالىمىز.
2. سۇڭپىيازنى ئاقلاپ ئۇششاق چانىغاندىن كېيىن،تۇز ئارىلاشتۇرۇپ تەخسىگە ئېلىپ ،ئاچچقسۇ قۇيۇپ يېسەك بولىدۇ.
ساراڭ يېسىۋىلەك
[خۇرۇجى]
يېسىۋىلەك 500 گرام، شېكەر 20 گرام، تۇز 10 گرام، ئاچچىقسۇ 20 گرام، ياغ 5گرام.
[تەييارلاش ئۇسۇلى]
1. يېسىۋىلەكنى پاكىز يۇيۇپ، 4 سانتىمىتىر قېلىنلىقتا توغرايمىز،ئاندىن قەلەمچە قىلىپ تەخسىگە ئېلىپ، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ 10-15 مىنۇت دۈملەيمىز.
2. دۈملەنگەن يېسىۋىلەكنىڭ سۈيىنى سېرغىتىۋىتىپ شېكەر، ئاچچىقسۇ، چۈچىتىلگەن ياغ ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
شىرىن پەمىدۇر
[خۇرۇجى]
پەمىدۇر 500 گرام، يۇمران تەرخەمەك 50 گرام، ھەسەل 50 گرام، شېكەر 100 گرام.
[تەييارلاش ئۇسۇلى]
1. پەمىدۇرنى قايناق سۇغا باسقاندىن كېيىن پوستىنى سويىۋىتىمىز ھەمدە قوغۇن تىلغاندەك تىلىپ،ئېچىلغان گۈلدەك ئېچىلدۇرۇپ تەخسىنىڭ ئوتتۇرسىغا قويىمىز.
2. تەخەمەكنى پاكىز ئاقلاپ يالپاقلاپ تەخسە ئەتىراپىنى بويلاپ تىزىمىز، ئاندىن ھەسەلنى ئايلاندۇرۇپ قۇيىمىز، ئاخىرىدا شېكەر سېپىپ يېسە بولىدۇ.
چۈچىمەل سەۋزىۋات
[خۇرۇجى]
يېسىۋىلەك 300 گرام، ئالما بىر تال، سەۋزە بىر تال، قۇرۇق لازا ئىككى تال، تۇز 5 گرام، ئاچچىقسۇ 15 گرام.
[تەييارلاش ئۇسۇلى]
1. يېسىۋىلەك، سەۋزە ئادالىنىپ، قايناۋاتقان سۇغا سېلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن ئېلىپلا سوغۇق سۇغا سېلىنىپ سوۋۇتىلىدۇ. ئاندىن يېسىۋىلەك روmba شەكلىدە، سەۋزە قىيسىق تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە توغرىلىپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
2. ئالما ئاقلىنىپ نېپىز توغرىلىدۇ ۋە تۇز سۈيىگە چىلىنىدۇ.
3. قۇرۇق لازىنىڭ ئۇرۇقى ئېلىنىپ،پاكىز يۇيلغاندىن كېيىن، قازانغا ئازراق سۇ قۇيۇپ لازىنى ئون مىنۇتتەك قاينىتىمىز. ئاندىن ئالما، شېكەر ۋە تۇزنى سالىمىز.سۇ سوۋۇغاندىن كېيىن يېسىۋىلەك بىلەن سەۋزىنى سېلىپ توڭلاتقۇدا 20 سائەت تۇرغۇزۇپ يېسەك بولىدۇ.
لازىلىق چەيزە
[خۇرۇجى]
چەيزە 500 گرام، كۆك لازا 30 گرام، سامساق 25 گرام، ياغ 25 گرام، تۇز 5 گرام، ئاچچىقسۇ 8 گرام، سۇڭپىياز 10 گرام.
[تەييارلاش ئۇسۇلى]
1. چەيزىنى ئاقلاپ يۇغاندىن كېيىن جىمبىلگە سېلىنىپ ھوردا پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان چەيزە 1 سانتىمىتىر كەڭلىكتە قەلەمچە قىلىنىپ تەخسىگە سېلىنىدۇ.
2. كۆك لازىنى ئادالاپ توغرايمىز. سامساقنى ئۇششاق چاناپ لازا بىلەن بىر قاچىغا سالىمىز.
3. ياغنى چۈچىتىپ لازا، سامساق چانالمىسىغا قۇيىمىز، ئاندىن تۇز ئاچچىقسۇ قوشۇپ چەيزە قەلەمچىسىگە تەكشى سېپىپ، ئۈستىگە سۇڭپىياز چانالمىسى سېپىمىز.
ئارىلاشما كەرەپشە
[خۇرۇجى]
كەرەپشە (چىڭسەي) 500 گرام،شېكەر ياكى گۈلقەنت 5گرام، ياغ 20 گرام، جاڭيۇ ۋە تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
[تەييارلاش ئۇسۇلى]
1. كەرەپشىنى تازىلاپ 5 سانتىمىتىر قىلىپ توغرايمىز.
2. قازانغا سۇ قۇيۇپ كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ كەرەپشىنى قايناۋاتقان سۇغا سېلىپلا سۈزىۋالىمىز، ئاندىن سۈيىنى سېرغىتىۋىتىپ جاڭيۇ ۋە تۇز ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىستىمال قىلىمىز.
كۈدە پىنتوزا
[خۇرۇجى]
كۈدە 200 گرام،پىنتوزا 150 گرام، ياغ 15 گرام،پىننە 5گرام، تۇز 5 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق.
[تەييارلاش ئۇسۇلى]
1. كۈدە، پىنتوزا پاكىز يۇيۇلغاندىن كېيىن، كۈدىنى 4 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا قىلىپ توغرايمىز.
2. كۈدە، پىنتوزىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قايناق سۇغا بېسىپ ئالىمىز.
3. ياغنى ئوبدان چۈچىتىپ، كۈدە ئۈستىگە قۇيۇپ، ئۇۋۇتۇلغان پىننە بىلەن ئارىلاشتۇرىمىز ۋە ئاچچىقسۇ قوشقاندىن كېيىن ئىستىمال قىلىمىز.
پالەك سوغۇق سەي
[خۇرۇجى]
پالەك 150 گرام، تۇز 2.5 گرام، ياغ 250 گرام، شېكەر 5 گرام.
[تەييارلاش ئۇسۇلى]
1. پالەكنى پاكىز يۇيۇپ خالىغان شەكىلدە توغرايمىز.
2. ياغنى چۈچىتىپ پالەك توغرالمىسىغا ئارىلاشتۇرۇپ دۈملەيمىز. ئاندىن شېكەر تۇز قوشۇپ ئىستىمال قىلىمىز.

فېۋرال 9, 2010 Posted by | soghoq say | باھا يېزىش