Uyghur Taam Tori

Just another WordPress.com weblog

kababكاۋاپلار

بېلىق كاۋىپى

[خۇرۇچى] ئالتاي ياكى قارا شەھەر بېلىقى ئالتە تال، زەنجىۋىل ئازراق، پۇرچاق ئۇنىئىككى يېرىم كىلوگىرام، سامساق بىر باش، ئاچچىقسۇ ئازراق، سوققانكاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، تۇز ئازراق.

[ئېتىش ئۇسۇلى] 1.بېلىقنىڭ قاسرىقىنى قىرىپ، قاناتلىرىنى قىرقىپ، ئىچكى ئەزالىرى ئېلىۋېتىلىپ، سوغۇق سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇلىدۇ.
2. بېلىقنى زەنجىۋىل، ئاچچىقسۇ، تۇز، كاۋاۋىچىن، چانالغان غولپىياز،سامساقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بىر سائەت قويغاندىن كېيىن، قۇرۇق پۇرچاقئۇنىغا مىلەپ، دوخۇپكىنىڭ لېسىغا تىزىپ پىشۇرۇلىدۇ.

[ئالاھىدىلىكى] چۈرۈك، قىلتىرىقلىرىمۇ ئۇۋىلىپ تۇرىدۇ، يېيىشلىك، بېلىقنىڭ پۇرىقى يوق.
ئاخىرى بار

———————————————————————————————————————
قورۇما كاۋاپ

[خۇرۇچى] قوينىڭ لوق گۆشى 280 گىرام، تۇز مۇۋاپىق مىقتاردا، تۇخۇم بىر دانە، سوققانزىرە مۇۋاپىق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پىياز ئىككى باش، سوققان قىزىلمۇچئازراق، ئەبجەش ياغ 500 گىرام (خورايدىغىنى 70 گىرام)

[قورۇش ئۇسۇلى] 1. قوينىڭ لوق گۆشىنى تەڭگىدەك چوڭلۇقتا نېپىز يالپاقلاپ توغرايمىز.پىيازنى ئۇششاق چانايمىز. توغرالغان گۆشكە چىلان؟غان پۇرچاق ئۇنى، تۇز،تۇخۇملار ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
2. قازان؟غا ياغ قۇيۇپ 6-7 دەرىجە قىزىتىپ گۆشنى سېلىپ، بىر-بىرىگەچاپلاشتۇرماي ئالتۇن سېرىق رەڭدە داغلىغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئالىمىز.
3. ياغ يۇقى قازاننى ئېسىپ، پىياز، قىزىلمۇچ سېلىپ تېز-تېز قورۇپلا گۆشنىسېلىپ يەنە قورۇپ، ئاندىن زىرىنى سېپىپ ئىككى قېتىم ئۆرۈپلا تەخسە ياكىنان؟غا ئېلىنىدۇ.

[ئالاھىدىلىكى] رەڭگى سېرىق، پارقىراق، گۆشى يۇمشاق، تەمى خۇددى زىخ كاۋىپىنىڭ تەمىگە ئوخشايدۇ، زىرە تەمى كۈچلۈك بولىدۇ.

———————————————————————————————————————-

زىخ كاۋاپ

[خۇرۇچى] قوينىڭ لوق گۆشى ئىككى كىلوگىرام، زىرە مۇۋاپىق، قۇيرۇق ياغ 250 گىرام،پىياز ئۈچ باش، تۇخۇم تۆت دانە، سوققان قىزىلمۇچ مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق.

[ئېتىش ئۇسۇلى] 1. ياغ بىلەن گۆشنى بارماقنىڭ يېرىمىچىلىك چوڭلۇقتا، يېرىم سانتىمېتىرقېلىنلىقتا يالپاقلاپ توغراپ، ئۇنىڭغا تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇششاق چانالغانپىيازنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ، ئاندىن تۆمۈر زىخقا تۆتتال گۆش، بىر تال ياغ ئۆتكۈزۈلسە (500 گىرام گۆش 10 زىخقا ئۆتكۈزۈلسەمۇۋاپىق) بولىدۇ.

2. كاۋاپدان؟غا ئىسى يوق كۆمۈر قالاپ، كۆمۈر كۆيۈپ بولغاندا، زىخقائۆتكۈزۈلگەن گۆشنى كاۋاپدان؟غا تىزىپ، ئۈستىگە يۇمشاق تۇز سېپىپ ئىككىمىنۇت قويۇپ، ئاندىن يەنە تۇز، سوققان قىزىلمۇچ سېپىپ پىشۇرۇلىدۇ، كاۋاپپىشاي دېگەندە، ھەر ئىككى تەرەپكە تۇز، قىزىلمۇچ تالقىنى سېپىلىدۇ.

————————————————————————————————————————

شىرى كاۋاپ

[خۇرۇچى] قوينىڭ لوق گۆشى ئىككى كىلوگىرام، تۇخۇم بەش دانە، تۇز مۇۋاپىق، ئاق ئۇنئازراق، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سۇ 500 گىرام، سوققان قىزىلمۇچ ئازراق.

[ئېتىش ئۇسۇلى] 1. گۆش زىخ كاۋاپنىڭكىدەك توغرىلىدۇ؛ ئۇنىڭغا ئىككى تۇخۇمنى چېقىپ، ئازراقتۇز سېلىپ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر تال زىخقا بەش تالگۆش ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2. قالغان تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇن، سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، سۇيۇق شىرەياسىلىدۇ. ئاندىن زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن گۆشنى كاۋاپدان؟غا قويۇشتىن بۇرۇنتۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ كاۋاپدان؟غا قويۇپ، خۇددى زىخ كاۋىپىنى پىشۇرغاندەكپىشۇرۇلىدۇ.

دىققەت: (ئا) دورا-دەرمەكلەرنىڭ سېلىنىشى مۇۋاپىق بولۇشى لازىم. زىرە كاۋاپ پىشايدېگەندە سېپىلسە مۇۋاپىق؛ (ب) بۇ كاۋاپنىڭ گۆشى شىرىگە چىلان؟غاچقا، ئوتنىئىتتىكلەتمەي پىشۇرۇش كېرەك. ئوت ئىتتىك بولسا، تېشى پىشىپ، ئىچى خامقالىدۇ. () ئاق ئۇن ئورنىغا قوناق ئۇنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

[ئالاھىدىلىكى] گۆشنىڭ تېشى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق، تەملىك ۋە قۇۋۋەتلىك بولىدۇ.

————————————————————————————————————————

تاۋا كاۋاپ

[خۇرۇچى] قوينىڭ لوق گۆشى بىر كىلوگىرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، پىياز 70 گىرام،سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقتاردا، ئاق ئۇن ئازراق، سوققانقىزىلمۇچ مۇۋاپىق، شاكال بەدىيان بەش تال.

[ئېتىش ئۇسۇلى] 1. گۆشنى سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا، بارماقچىلىك نېپىزلىكتە توغرايمىز.ئۇششاق چانالغان پىياز، سوقۇلغان زىرە، قارىمۇچلارنى گۆشكە سېلىپئارىلاشتۇرۇپ، شۇ پېتىچە 15؟20 مىنۇت تۇرغۇزۇلىدۇ.

2. تاۋىنى (قازاننى) ياخشى قىزىتىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، گۆشنى ئۇن؟غا مىلەپتاۋىغا تىزىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى ئۆرۈپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.

3. پىشقان كاۋاپقا ئازراق شورپا قۇيۇپ ئۇنىڭغا قارىمۇچ، شاكال بەدىيان سېلىپ 40 مىنۇت دۈملىنىدۇ.

يانۋار 13, 2010 - Posted by | كاۋاپلارkabab

1 باھا »

  1. bak ohshigan kawablar ekan!!! kop rehmat sizga.

    باھا ئاپتور anjur | يانۋار 16, 2010 | جاۋاب


باھا يېزىش